باشبەت رايون ئاستى
نونى ئېلانى بار ئورۇن ئۇلۇغ ئاتا ئېلانى بار ئورۇن ئىقتىساد تۇرمۇش ئېلانى

مۇشۇ تۈردىكىئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
ئۇچۇر كۆرۈش بەت ئالاقە يان تەرەپ ئېلانى

شىنجاڭ ئالماس سودا مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

ئورنىڭىز > ئۇچۇر سەھىپىسى > خىزمەتچى ئىزدەش > كاسسىر/ كاتىپ/ بۇغالتىر/ ياردەمچى     تەستىقلىغۇچى : يارقىنجان
شەخسىي ئۇچۇر
ئاقسۇ ئۇچۇر تورنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ www.0997.cn تور بېكەت ئادرېسىنى ئىسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ
شىنجاڭ ئالماس سودا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنىپ قۇرۇلغان بۇلۇپ ،سودا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىكى،ئىقتىساد ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىكى ،كارخانا باشقۇرۇش،بازار تىجارەت كۆرسەتمىسى،ئېلىكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى ،كومپىيوتېر يۇمشاق دېتال تېخنىكا مۇلازىمىتى،تەرجىمە مۇلازىمىتى،ئالتۇن-كۈمۈش،ئۈنچە-مەرۋايىت ،نېفېت سودا مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق كۆپ خىل تىجارەت تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇستەقىل شىركەت ،ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىغى 5 مىليۇن يۈەن ،شىركەت تەرەققىياتى
ئېھتىياجى سەۋەپلىك بازار ئېچىش بۆلۈمىگە 10 نەپەر ،تەرجىمە بۈلۈمىگە 2 نەپەر خىزمەتچى قۇبۇل قىلماقچى ،خىزمەت ئورنى بىردەك ئاقسۇ شەھىرىدە بولىدۇ .

بازار ئېچىش بۈلۈمى 10 نەپەر

1.دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان ،ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان ،جىنايەت تارىخى يوق بولغان بۇلۇش
2. مەخسۇس كۇرس ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇش
3. خەنزۇتىلى سەۋېيىسى mhk3 دەرىجە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياخشى بۇلۇش
4. مەسىلە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇش، كومپيۇتېر ئىشخانا دىتاللىرىنى ئىشلىتىشكە پىششىق بولۇش
5. مەسئۇلىيەتچان، ۋاقىت كۆز قارىشى يۇقىرى، ئۇزاق مۇددەت ئىشلىيەلەيدىغان شىركەت تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايدىغان بولۇش
6.ئالاقىگە ماھىر،جانلىق،ئالغا ئىنتىلىش روھىغا باي بۇلۇش
7. يېشى 22 ياشتىن 30 ياشقىچە بولۇش (پۇل-مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش شىركىتىدە ئىشلەپ باققانلار بولسا 35 ياشتىن يۇقىرى ئەمەسلەرمۇ تىزىملاتسا بولىدۇ )
8.مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى ۋە باشقا شىركەتلەردە بازار ئېچىش خىزمىتى قىلىپ باققانلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ

تەرجىمە خادىمى 2 نەپەر

1.تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇش
2.خەنزۇتىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە ئۇنۋېرسال بىلىم ساپاسى يۇقىرى بولۇشى كېرەك،خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىشلىرىغا پىششىق بۇلۇش ،ئەدەبىي ئىپادىلەش كۈچى ياخشى بۇلۇش كېرەك،
3.كومپىيوتېر ئاساسى مەشغۇلاتىغا پىششىق بۇلۇش،كومپىيوتېردا خەت بېسىش سۈرئىتى ياخشى بۇلۇش كېرەك
4.ۋاقىت قارشى ،مەسئۇلىيەتچانلىق قارشى يۇقىرى بۇلۇش،سەمىمىي ئەخلاقلىق بۇلۇش كېرەك
5.ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىيەلەيدىغان بۇلۇش كېرەك
6. يېشى 22 ياشتىن 35 ياشقىچە بولۇش

مائاش تەمىناتى: 2500يۈەن مۇقىم مائاش+ئۈنۈم مائاش،خىزمەت تارىخى مائاش، بەش خىل سۇغۇرتا، يىللىق مۇكاپات ،قوش كۈنلۈك دەم ئېلىش قاتارلىقلار...... (سىناق ۋاقتى1ئايدىن 3ئايغىچە،سىناق ۋاقتى توشقاندىن كىيىن ئەمگەك توختامى تۈزۈپ 5خىل سۇغۇرتا تۇلۇق تاپشۇرۇلۇپ مېڭىلىدۇ )

خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئاقسۇ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بولىشى دېپلۇم،خىزمەت تارىخى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار تولۇق بولۇشى كېرەك، ياتاق-تاماق بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز.
شىركىتىمىزدە ھەپتىدە 5 كۈن،كۈندە 8 سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمى يولغا قۇيۇلغان،ھەپتە ئاخىرىدا قوش كۈن تۇلۇق دەم ئېلىنىدۇ،دۆلەت بەلگىلىگەن بايراملىق دەم ئېلىشلاردا دەم ئېلىش قۇيۇپ بېرىلىدۇ
يۇقارقى شەرتلەرگە چۈشىدىغان، مەزكۇر خىزمەتكە ماس كېلىدىغان دوستلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز. خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ياكى شىركەتكە بىۋاستە قەدەم تەشرىپ قىلىڭ.

شىركەت ئادرىسى :ئاقسۇ شەھىرى چوڭ تۆت كوچا مەرھابا ئولتۇراق رايۇنى 3-بىنا 9-قەۋەت A3-901 ئىشخانا
ئۈندىدار : 2621414945 858191322
ئېلخەت : fxalmas@qq.com
ئالاقىلەشكەندە قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى ئاقسۇ ئۇچۇر تورىدا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ
  • ئالاقىلاشقۇچى : ئالماس
  • تېلفۇن نۇمۇرى : 0997-2202250
  • QQ نۇمۇرى : 2621414945
  • تەۋە تۈرى : خىزمەتچى ئىزدەش
  • ئىناۋەتلىك ۋاقتى : 360 كۈن
  • رايون تەۋەلىكى : ئاقسۇ شەھىرى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2018 - 03 - 14
  • رايون تەۋەلىكى : ئاقسۇ شەھىرى
  • www.0997.cn
  • يانفۇندا كۆرۈش
مۇشۇ تۈردىكىئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
ئۇچۇر كۆرۈش بەت ئالاقە ئاستى